باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى: پۇل تۆلىمەي مۇزىكا ئەسىرىنى ئىشلىتىدىغان دەۋر ئۆتۈپ كەتتى، دېدى

2016.04.20 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 19-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلەتلىك بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېن چاڭيۈ، دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جۈنچېن، دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن شياۋخوڭنى 2015-يىلىدىكى جۇڭگونىڭ بىلىم- مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بېرىش ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  يەن شياۋخوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇزىكا ساھەسىدە مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، مۇزىكىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ناھايىتى تارقاق ھەم سانى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، ھوقۇق-مەنپەئەت ئىگىسىنىڭ پىكرى بەك كۆپ، بولۇپمۇ بىر قىسىم مۇزىكا تورلىرىمۇ بۇنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. بىراق پۇل تۆلىمەي مۇزىكا ئەسىرىنى ئىشلىتىدىغان دەۋر ئۆتۈپ كەتتى. بۇلتۇر نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ تەرتىپكە سېلىپ تۈزۈشى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى. بىز ئۇقتۇرۇش چىقارغاندىن كېيىن، تەخمىنەن ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە توردىن چۈشۈرۈلگەن مۇزىكا ئەسىرى 2 مىليون 200 مىڭغا يەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاخىرقى نۇقتىدىكى ئىشلەتكۈچىلەر تۆلىگەن ھەق ئەمەس، بەلكى مۇزىكا تور بېكەتلىرى مۇزىكا ئەسەرلىرىنى تارقاتقاندا بۇ مۇزىكا ئەسىرىنىڭ مۇزىكا ئىگىدارلىرىدىن ئەسەر سېتىۋالغاندا تۆلەيدىغان مۇزىكا ئەسىرى ھەققىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى. شۇڭا، ھوقۇق-مەنپەئەت ئىگىدارىنىڭ پۇلنى ئالالىغان-ئالالمىغانلىقى نەشىر ھوقۇقىنى ئۆلچەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. ئەگەر ھوقۇق ئىگىسى ئەسەرنى ئىجاد قىلغاندىن كېيىن، ئەسەر تارقىلىش جەريانىدا پۇل ئالالمىسا، بىز قوغداش سەۋىيەمىز كۈچلۈك دېسەك، بۇ كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر