خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئاپرېل، مىسىر پايتەختى قاھىرەدە نامايىشچىلار شوئار توۋلىماقتا. مىسىرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا 15-ئاپرېل نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، تىران ئارىلى ۋە سانافىر ئارىلىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا «قايتۇرۇپ» بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. «پرامىدا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئاينىڭ 9-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان مىسىرنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى مىسىرنىڭ ئاقابا قولتۇقى ۋە قىزىل دېڭىزغا تۇتىشىدىغان جايدىكى تىران ئارىلى ۋە سانافىر ئارىلىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا «قايتۇرۇپ» بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. خەۋەردە مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، تىران ئارىلى ۋە سانافىر ئارىلىنىڭ ئەسلىدە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا تەۋە ئىكەنلىكى، 1950-يىلى سەئۇدى پادىشاھى سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن، بۇ ئىككى ئارالنى ۋاقتىنچە مىسىرنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغانلىقى ئېيتىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى