باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

18 ئايلىق بوۋاققا باسقۇنچىلىق قىلغان مەلئۇن 200 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2016.04.18 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلگىرى ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر قىسىمىنىڭ ئەزاسى بولغان ئېلىك دەۋىن ماستىس 18 ئايلىق بىر قىز بوۋاققا باسقۇنچىلىق قىلغان ھەم باسقۇنچىلىق قىلىش جەريانىنى سىنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ تارقاتقان. 14-ئاپرېل مىچىگان ئىشتاتى كىنتى ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا 200 يىللىق قاماق جازاسى بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ماستىس بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم ئۆسمۈرلەرنىڭ شەھۋانىي سىنئالغۇ فىلىملىرىنى تارتقانلىقتىن، 50 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن.

  ئېلىك ماستىس بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2012-يىلى ئۇ 18 ئايلىق بىر قىز بوۋاقنى بىر مېھمانخانىغا ئېلىپ كىرگەن ھەم بوۋاقنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان.

  ئامېرىكا «دىترويت ئەركىن ئاخبارات گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېلىك ماستىس ئۆزىنىڭ سەككىز كۈن ئىچىدە بۇ قىز بوۋاققا ئۈچ قېتىم باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، يەنە تېخى باسقۇنچىلىق قىلغان نەق مەيداننى سىنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ، سىننى ئېلخەت ئارقىلىق باشقىلارغا تارقاتقان.

  ئېلىك ماستىس سوت جەريانىدا، ئۆزىنىڭ سادىر قىلغان «قورقۇنچلۇق جىنايىتى» ئۈچۈن كەچۈرۈپ سورىغان ھەم ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلەرنىڭ شەھۋانىي فىلىملىرىگە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.

  ئۇ، مەنمۇ ئىلگىرى قورقۇنچلۇق ئىشنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇڭلاشقا باشقىلارغىمۇ مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى قوللاندىم، دېگەن.

  ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سۆزىچە، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم قىز بالىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىشى ئەمەس ئىكەن، ئۇ ھەتتا ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇداپىيە ئەترىتى ئەزاسى بولغان مەزگىلدىلا، بۇ خىل جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ئىكەن.

  2011-يىلدىن بۇيانقى تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ كۆپ قېتىم مىچىگان ئىشتاتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا بەش قىزغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىز بالىلار 18 ئايلىقتىن ئوننەچچە ياشقىچە ئىكەن. بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا ئۇ بالىلار شەھۋانىي فىلىمى تارتقانلىقى ئۈچۈن 50 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر