باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.04.14 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 13-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئالدى بىلەن بىر تۈركۈم جاۋابكارلارنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش؛ «گوۋۇيۈەننىڭ <ۋاكسىنا ئوبوروتى ۋە مۇداپىئە ۋاكسىنىسى ئەملەشنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار» ئارقىلىق تۈزۈم نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش قارار قىلىندى؛ بازار سۇبيېكتىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نەق پۇل كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تۆلەش نىسبىتى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى باسقۇچقا بۆلۈپ تۆۋەنلىتىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ۋاكسىنا سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكى خەلقىنىڭ بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، تېگىشكە بولمايدىغان «قىزىل سىزىق». ئېلىمىزنىڭ ۋاكسىنا سىستېمىسى ئومۇمىي جەھەتتىن بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇپ، يوچۇق بايقالغان ھامان، دەرھال توسۇش كېرەك. شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىدە قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتى دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن تارماقلار بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللەشنى تەستىقلىدى ۋە گوۋۇيۈەن خىزمەتلەرنى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈپ، بىرلىشىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قېلىنغان ۋاكسىنىلارنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈكلىكىنى باھالاشقا تەشكىللىدى. ھازىر، 1-باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. جايلار جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 192نى تۇرغۇزۇپ، 202 كىشىنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئەھۋالغا ئاساسەن يىغىندا، يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ۋە شەندۇڭ قاتارلىق 17 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)نىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن، ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ 357 دۆلەت خادىمىغا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق جازا بېرىش قارار قىلىندى. كېيىنكى قەدەمدە قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرى داۋاملىق قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ ۋە دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، جاۋابكارلىقىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

  يىغىندا، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشنى مەۋقە قىلىش، تۈزۈم نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش تەكىتلىنىپ، «گوۋۇيۈەننىڭ <ۋاكسىنا ئوبوروتى ۋە مۇداپىئە ۋاكسىنىسى ئەملەشنى باشقۇرۇش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللىنىپ، بىرىنچىدىن، ۋاكسىنا ئوبوروتىنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئىككىنچىدىن، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىشلىتىشكىچە بولغان پۈتۈن مۇساپە بويىچە سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىش، ئۈچىنچىدىن، جازالاش ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، «قارار»دا يەنە ۋاكسىنا ئەملەپ بىنورمال رېئاكسىيە قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمى قاتارلىق مەزمۇنلار مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نەق پۇل كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يىغىندا، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ۋە تۇغۇتتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى بۇلتۇر مۇۋاپىق تۆۋەنلەتكەن ئاساستا، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش قارار قىلىندى، بىرىنچى، ئىش ئورۇنلىرىنىڭ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى تۆلەش نىسبىتى ٪20تىن ئېشىپ كەتكەن ئۆلكىلەرنىڭ پۇل تۆلەش نىسبىتى ٪20كە چۈشۈرۈلىدۇ؛ ئىش ئورنى ٪20 تۆلەيدىغان ۋە 2015-يىل ئاخىرىدىكى فوند جۇغلانما قالدۇقى بىلەن توققۇز ئاينىڭ پۇلىنى تۆلىگىلى بولىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ پۇل تۆلەش نىسبىتى باسقۇچقا بۆلۈپ ٪19كە چۈشۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ئومۇمىي باھا نىسبىتى ھازىرقى ٪2تىن باسقۇچقا بۆلۈپ، ٪1تىن ٪1.5 كىچە تۆۋەنلىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى شەخسنىڭ باھا نىسبىتى ٪0.5تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى تۈرلۈك تەدبىرنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى ھەر قايسى ئۆلكىلەر(ئاپتونوم رايون، شەھەر) بېكىتىدۇ. ئۈچىنچى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ٪12تىن يۇقىرىلارنىڭ بىردەك قېلىپلاشتۇرۇلۇپ تەڭشىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر قايسى ئۆلكىلەر(ئاپتونوم رايون، شەھەر) ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى باسقۇچقا بۆلۈپ مۇۋاپىق تۆۋەنلەتسە بولىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار پۇل تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندىن باشقا يەنە قانۇن بويىچە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى كېچىكىپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، تىجارىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن پۇل تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرسە ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەرلىگەندە، يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى قوللانغاندا يىلدا كارخانىلارنىڭ 100 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك يۈكىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر