باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى

2016.04.18 09:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-فېۋرال چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا خىزمەت تەكشۈردى.

  لى كېچياڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تارىخى سارىيىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە زور پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، بىناكارلىق ئىنستىتۇتىدا ئاق چاچلىق پىروفىسسورلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلاشتى ھەمدە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىناكارلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئوقۇغۇچىلارنى قۇدرەتلىك جۇڭگو قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىناكارلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغىلى 70 يىل بولدى، سىلەر تەلىيىڭلارغا بۇ كۈنگە ئۈلگۈرۈپسىلەر. سىلەر قىران چېغىڭلارغا بارماي تۇرۇپلا، ئۇلۇغۋار ئىشلارغا تۇتۇش قىلىپسىلەر. ئىنستىتۇتىڭلارنىڭ 70 يىللىق تويىنى تەبرىلەيمەن، سىلەر بىناكارلىق ئۆگىنىدىكەنسىلەر، كەلگۈسىدە قۇدرەتلىك جۇڭگو قۇرىسىلەر.

  ئوقۇغۇچىلار بىردەك «بولىدۇ، جەزمەن» دەپ جاۋاب بەردى ھەمدە قىزغىن چاۋاك چالدى.

  لى كېچياڭ ھاياتلىق پەنلىرى ئىنستىتۇتى ئاقسىل ئەسلىھەلىرى تەجرىبە تېخنىكا مەركىزىدە ياش پەن-تەتقىقاتچىلارنى يوقلىدى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇبخانىسىغا بېرىپ، ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، قىرائەتخانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى كېچياڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تەلىمىنى چۈشەندۈردى.

  لى كېچياڭ: چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «كۈچلىنىش ۋە مەسئۇلىيەت» دېگەن مەكتەپ تەلىمىدىكى كۈچلىنىشنىڭ ئالدىدا ئەسلى يەنە بىر سۆز بار ئىدى، بىلەمسىلەر، دېدى.

  ئوقۇغۇچىلار: ئالەمدەك، دەپ جاۋاب بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر جەھەتتىن كۈچلىنىشىمىز، يەنە بىر جەھەتتىن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى، كەڭ قورساق تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئەقىل-پاراسىتىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، يەنە بىر جەھەتتىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك، دېگەنلىك.

  لى كېچياڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت تەرەققىياتى تەتقىقات يۇرتىدا ئۇلارنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق «يېڭى ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ» تەھلىل قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. زۇڭلى ئۇلارنى ماختاپ، بۇ بىر ئىجادىي خىزمەت بوپتۇ، دېدى.

  لى كېچياڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى ھەمدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىجتىمائىي پەنلەر نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، گۇاڭخۇا باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى، قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ماتېماتىكا ئىنستىتۇتىغا بېرىپ ساپ ماتېماتىكا پەنلىرى تەرەققىياتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ماتېماتىكا تەبىئىي پەنلەرنىڭ تاجى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئاساسلىق قورال، مەن ساپ ماتېماتىكىغا بەك كۆڭۈل بۆلىمەن، ئېلىمىزنىڭ ساپ ماتېماتىكىسى ئاجىز ھالقا بولۇپ قالدى.

  لى كېچياڭ ئاساسىي ماتېماتىكا تەتقىقاتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ساھەدە نەتىجە قازىنىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پەن-تەتقىقات خىراجىتىدىكى كىشى بېشى خىراجىتى نىسبىتىنى قويۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ ساھەدە ھازىر نەتىجە ئاز، ئەمما كەلگۈسىدە نەتىجىلەر جەزمەن مول بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر