باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئالىي مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ تەرەققىيات كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

2016.04.18 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدا ئالىي مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. بېيجىڭدىكى مىنىستىرلىقلار، شەھەرگە قاراشلىق، پۇقرالار ئاچقان 53 ئالىي مەكتەپ ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەت تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى رىقابەتتۇر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىقى، مىلياردلىغان خەلقنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن. ئالىي مائارىپ دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى زىچ چۆرىدىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا بولۇپمۇ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىغا ئەھمىيەت بېرىپ، رىغبەتلەندۈرۈش، مۇزاكىرىلىشىش، ئىزدىنىش شەكلىدىكى مائارىپنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مول تەسەۋۋۇر كۈچىنى قوزغاپ، بىلىم ئاساسىنى چىڭىتىپ، ئىلىم-پەن نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كاسىپلار روھىنى يېتىلدۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ قول سېلىپ ئىشلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش كېرەك. مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، داۋاملىق يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياخشى مائارىپتىن بەھرىلەندۈرۈپ، باراۋەر رىقابەتتە يۇقىرىغا ئۆرلەش، يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر