باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى: قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۈندىدار قاتارلىق تاراتقۇلارغا قارىتا نەشىر ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش لازىم، دېدى

2016.04.20 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 19-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلەتلىك بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېن چاڭيۈ، دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جۈنچېن، دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن شياۋخوڭنى 2015-يىلدىكى جۇڭگونىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بېرىش ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  يەن شياۋخوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرقى ئۆزتاراتقۇلار، بولۇپمۇ ئۈندىدار قاتارلىق تارقىتىش ۋاسىتىلىرى نەشىر ھوقۇقىنى قوغداشقا چوڭ خىرىس ئېلىپ كەلدى، بۇ خىرىس چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن چەكلىنىپلا قالماي، قارىشىمچە مەيلى شياڭگاڭ بولسۇن ياكى باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بولسۇن، ھەممىسى بۇ مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ ئالدى بىلەن تارقىتىلغان نەرسىنىڭ ئەسەر بولۇش-بولماسلىقىغا قاراش كېرەك. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن ئاساسىدا، پەقەت ئەسەر بولسىلا ھەم بۇ ئەسەر باشقىلارنىڭ رۇخسىتىسىز تارقىتىلغان بولسىلا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلىش بولىدۇ، بۇ ھەم كۆچۈرۈپ تارقىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئەسەر مۇۋاپىق ئىشلىتىش دائىرىسىگە تەۋە بولمىسا، ھوقۇق-مەنپەئەتكە قارىتا كېلىشىش ئېلىپ بېرىش كېرەك، ھوقۇقدارنىڭ ھوقۇق بېرىشىدىن ئۆتمىگەن بولسا، ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ جەھەتتە مەمۇرىي تارماقلار، ئەدىلىيە تارماقلىرى سالماقنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرنىمۇ تەتقىق قىلىپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنى رېئال جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر