باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نەچچە يۈزلىگەن مۇساپىر ئوغرىلىقچە چېگرادىن ئۆتۈپ ئىتالىيەگە بېرىش يولىدا يوقاپ كەتتى

2016.04.20 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىتالىيە ئا ن س ئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا يەنە بىر قېتىم چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن مۇساپىرلار ئولتۇرغان كېمە دېڭىز خەتىرىگە ئۇچرىغان. مىسىردىن يولغا چىقىپ چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن تۆت كېمە ئىتالىيەگە بېرىش سەپىرىدە چۆكۈپ كەتكەن، كېمىدە تەخمىنەن 500چە ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى يوقاپ كەتكەن.ئىگىلىنىشىچە، ئىتالىيە ۋە مىسىر ھۆكۈمىتى ئالاقىدار ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن داۋاملىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان. ئامان قالغانلارنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن بۇ تۆت كېمىگە 500چە مۇساپىر ئولتۇرغان بولۇپ، بۇ مۇساپىرلارنىڭ كۆپ قىسمى سومالى، ئېفىيوپىيە ۋە ئېرىترېيەدىن كەلگەنلەر ئىكەن. چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن كېمە مىسىردىن يولغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي دېڭىز ھادىسىسىگە ئۇچرىغان ئىكەن.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسنىڭ 11-ئاپرېلدىكى ئىستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، بۇ يىل يانۋاردىن بۇيان، 170 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر دېڭىز يولى ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا ئۆتكەن، بۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەن. 20 مىڭغا يېقىن مۇساپىر دېڭىز يولى ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ئىتالىيەگە ئۆتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلگەن ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 716گە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر