باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە بېرىش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت سائەت ۋاقىتنى قىسقارتقىلى بولىدۇ

2016.04.20 14:33         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، خەلقىنىڭ سىرتقا چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسى 15 – مايدىن باشلاپ يولۇچىلار پويىزىنىڭ يېڭى مەشغۇلات لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى ساياھەت پويىزلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىدە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن كورلىغا قاتنايدىغان جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى مەخسۇس پويىزىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان 7562/3 ۋە 7564/1 قېتىملىق پويىزنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قەشقەرگە قاتنايدىغان K9786/7، K9788/5 قېتىملىق پويىزىنىڭ سۈرئىتىمۇ تېزلىتىلىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئارام كۈنىدە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قومۇلغا قاتنايدىغان پويىزنى كۆپەيتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر