باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا توك سائىتى بويىچە ھەق تاپشۇرىدىغان 40 مىڭ ئابۇنت ئۈندىدار ئارقىلىق سۇ ھەققى تاپشۇرالايدىغان بولدى

2016.04.20 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئاپرېلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان توك سائىتىگە قاراپ ھەق ئېلىنىدىغان 40 مىڭدىن ئارتۇق ئابونت (قىممەت تولۇقلاش كارتىسى ئىشلىتىدىغان ئابونتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ )نىڭ سۇ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، سۇ ھەققى تاپشۇرۇش ياكى باشقا ئالاقىدار سۇ ئىشلىرى ئۇچۇرىنى بىلمەكچى بولغاندا، ئۈندىدار ئارقىلىقلا بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى.

  19-ئاپرېل، ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى گې فۇرۇڭ مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىلىرى ئۈندىدار ئارقىلىق « ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى خېرىدارلار مۇلازىمىتى» جامائەت سۇپىسىنى قوشۇۋالسىلا ۋاقتى، ئورنى چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ھەر زامان سۇ ھەققىنى تەكشۈرۈش، تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرەلەيدۇ.

  گې فۇرۇڭ مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يان تېلېفونىغا بېجىرىپ بەرسە، ئۇلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ. شەھەر ئاھالىسى ئۈندىدار ئارقىلىق ھەق تاپشۇرسا، تىجارەت زالىدا ئۆچرەت تۇرۇپ ساقلاشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.بۇنىڭدىن باشقا، ئۈندىداردا ھەق تاپشۇرغان شەھەر ئاھالىسى ھەق تاپشۇرۇش ئىسپاتى ئارقىلىق يېقىن ئەتراپتىكى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى تىجارەت زالىغا بېرىپ، ھەق تاپشۇرۇش تالونىنى بېسىپ چىقىرىۋالسا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە ، 6-ئاينىڭ ئاخىرى، سۇ ئىشلىرى گۇرۇھىنىڭ يەنە چىقىمدان ئارقىلىق سۇ ھەققى تاپشۇرۇش كەسپى ئېچىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر