خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئاپرېل، ئاففانىستان پايتەختى كابۇلدا بىخەتەرلىك خادىملىرى پارتلىغان نەقمەيداننى تەكشۈرمەكتە. ئاففانىستان ساقچى تەرەپ 19-ئاپرېل، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئاففانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 28 كىشىنىڭ قازا قىلىپ، 327 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى. كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ راھمان راشىمى ئۆلگۈچىلەر سانىنى جەزملەشتۈردى ھەم تالاپەت يەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاددىي پۇقرالار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئافغانىستان تالىبان قوراللىقلىرى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى