خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئاپرېل، ئارتىس سىباستىيان ستەن، ئانتونى مەككاي، كرىس ئەيۋىنس ۋە رېژىسسور جورجى روسسۇ (سولدىن ئوڭغا) مۇراسىمىدا قىزىل پايانداز ئۈستىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شۇ كۈنى «ئامېرىكا كاپىتانى-3» ناملىق فىلىمنى بېيجىڭدا قويۇش قىزىل پايانداز مۇراسىمى ۋە فىلىم مەستانىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئارتىس سىباستىيان ستەن، ئانتونى مەككاي، كرىس ئەيۋىنس ۋە رېژىسسور جورجى روسسۇ قاتارلىقلار نامايان بولدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىم 6-مايدىن باشلاپ جۇڭگو ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا ماس قەدەمدە قويۇلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى