باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 30 تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىر قوللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ

2016.04.20 14:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەستايىدىل ‹‹تومۇر تۇتۇپ››، ‹‹رېتسېپ››لىق 30 نۇقتىلىق تەدبىرنى تۈزۈپ چىقتى.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ سەنپىڭ 13 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دائىر 27 تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرىگە ئاساسەن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا 30 تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  خۇاڭ سەنپىڭ مۇنداق دېدى: 30 تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىر ئىچىدە، 23 تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان تەدبىرلەر بىلەن بىردەك بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىدۇر. نىزام چىقىرىش ۋە قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى، مەكتەپلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، مىللەت – دىنغا ئائىت ئوقۇشلۇقلارنى تۈزۈپ باستۇرۇش، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي ئۆرپ – ئادەت كوچىسى ۋە كەنتلىرىنى قوغداش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى توپلاپ – رەتلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك تەدبىر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە يېڭىلىق ياراتقانلىقىدۇر.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ھەر بىر تەدبىرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت چارىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى، باشلامچى بولىدىغان رەھبەرلىك، ھەمكارلاشقۇچى رەھبەرلىك ۋە باشلامچى ئورۇنلارنى بېكىتىپ، مەسئۇل ئورۇنلار بىلەن مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ كونكرېت لايىھەنى تۈرلەر بويىچە تۈزۈپ، تەدبىرلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، تەلەپنى، ۋاقىت چېكىنى ئېنىق بېكىتىپ، بىرمۇبىر چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىنىڭ نىشانلىق يولغا قويۇلۇشىغا، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 30 تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرنى چوقۇم مۇشۇ يىل ئىچىدە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، نەتىجىلەردىن ئاممىنى بەھرىمەن قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقۇشىمىزچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرىدىكەن. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 3 – ئاينىڭ بېشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى باشلاپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ توپلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتىدىكى ئاجىز ھالقا ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىققان. ئاپتونوم رايون ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دەرھال پارتكومنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، پائالىيەت لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلغان.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 7 – ئاپرېل ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرغان. 11 – ئاپرېل ‹‹ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى> پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››، ‹‹ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلىدا ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دائىر 30 تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر بويىچە مەسئۇلىيەتنى تەپسىلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى››، ‹‹ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ <13 – بەش يىل> مەزگىلىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتىنى يولغا قويۇش پىكرى››دىن ئىبارەت ئۈچ لايىھە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان ھەم ماقۇللانغان.

  خۇاڭ سەنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنىلىك ئورۇنلارنى ئۈچ يىل جانلىق باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىدە ئارقىغا چېكىنگەن ئورۇنلارنى ۋىۋىسكا ئېسىپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يۇمشاق ۋەزىپىنى قاتتىق كۆرسەتكۈچكە ئايلاندۇرۇپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۇزاققىچە تىرىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگىچە چوڭقۇر سىڭدۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر