باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن)يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى:

يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

2016.04.20 14:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 19 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا 18 – ئاپرېل ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 23 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 23 – قېتىملىق يىغىنىدا شىنجاڭ قاتارلىق تۆت ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ زۆرۈر تەلىپى ۋە مۇھىم تەدبىرى. مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ تەلىپى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ قەتئىي چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىش؛ ئالدىنقى باسقۇچتىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تەدبىرلەرنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش ھەرىكىتىگە قاتتىق دائىرە بەلگىلەپ، قېلىپلاشتۇرۇش تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەشغۇلات ئاساسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ، بۇ خىزمەتنى ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزلەنگەن ئۈنۈمنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، چې جۈن، سۈن جىڭلۇڭ، جۇ خەيلۇن، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، ليۇ شىنچى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەننىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر