باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىدا راستچىل بولۇشى كېرەك

2016.04.20 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ‹‹2016 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى. ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى راست، ئەمەلىي تونۇشتۇرۇشى، ‹‹مەخسۇس كۇرستىن كېيىن تولۇق كۇرستا ئوقۇيدۇ››، ‹‹تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزۈپ ئاسپىرانتلىقنى ئۇلاپ ئوقۇيدۇ›› دېگەندەك سۆزلەر ياكى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن ‹‹خەلقئارا ھەمكارلىقىدىكى مەكتەپ›› دېگەندەك يالغان سۆزلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئازدۇرماسلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەكتەپلەرنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى ۋە ئالاقىدار تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ راست، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىكەن. تەكشۈرۈپ ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەكتەپلەر نىزامنامىدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتسە بولمايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر