باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش›› تېمىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

2016.04.20 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش›› تېمىسىدىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 14 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئاياغلاشتى.

  ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بۇ مۇسابىقىنى بۇلتۇر 11 – ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە قانات يايدۇرغان بولۇپ، مۇسابىقە جەريانىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 5000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشۋىقاتچىسى يېزا – قىشلاق، كان – كارخانا، ئىدارە – ئورگان، مەھەللە ۋە مەكتەپلەردە ‹‹بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش›› تېمىسىدا 9000 مەيدان/قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەن، بۇ لېكسىيەلەردىن 800 مىڭدىن ئارتۇق ياش مەنپەئەتلەنگەن. بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە 36ماھىر تاللانغان.

  مۇسابىقىگە قاتناشقان تارىم نېفىتلىكىدىن كەلگەن ماھىر قۇربانجان تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىر قانچە ئايلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش جەريانىدا ئۆز تەۋەلىكىمىزدىكى كارخانا، مەھەللە، ئىدارە – ئورگانلاردىكى ھەر مىللەت ياشلىرىغا ‹‹بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش›› توغرىسىدا كۆپ قېتىم لېكسىيە سۆزلىدىم. مېنىڭچە، بۇنداق تەشۋىقاتنىڭ ياشلارغا بولغان تەربىيەۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۆز خىزمەت ئورنۇمدا، تۇرمۇشتا ‹‹بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش›› پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىمگە بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تەربىيە بېرىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر