خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 19-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش−ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئومۇمىي ۋەزىيىتى، ئېلىمىزنىڭ تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ماس كېلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، تور ئىشلىرىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى، ئالاقە تورىنى دۆلەت ۋە خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئالاقە تورى ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ۋە نەتىجىگە ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خېلى كۆپ يېتەرسىزلىك ۋە مەسىلە ساقلاندى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىش كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ -پىكىرلىرىنى يۈز تۇرا ئاڭلاش، بەزى تەدبىر ۋە چارە ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش، بۇ ئارقىلىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى