باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى ئېلان قىلدى

2016.04.20 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 19-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن 2016-يىللىق يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شۈ لىن مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە 28 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى ئېلان قىلدى.

  شۈ لىن مۇنداق دېدى: 100 مىليون كىشىنى نوپۇسقا ئالدۇرغان بىلەنمۇ، يەنە 200 مىليون كىشىنى نوپۇسقا ئالدۇرغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمى ئىنتايىن مۇھىم تۈزۈم. ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمى ئورنىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا ئۇنىڭغا ئالدىنقى شەرت قويماسلىق، يەنى نوپۇسقا ئوخشاش نۇرغۇن ئالدىنقى شەرت قويماسلىق كېرەك، نۇرغۇن ئالدىنقى شەرت قويغاندا نوپۇس تۈزۈمى بىلەن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ، بۇ نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدىغان خىزمەت. نوپۇسى بارلار بىلەن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتىدە پەرق بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا شۈ لىن مۇنداق دېدى: ئادەتتە، بىر جاينىڭ نوپۇسى بارلار، شۇ جاينىڭ يەرلىك نوپۇسلىرى بىلەن تامامەن ئوخشاش جامائەت مۇلازىمىتى تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ، نوپۇسى يوق، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلارغا پەقەت ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن قاپلاش تەكىتلىنىدۇ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن جامائەت مۇلازىمىتى ئارىسىدا بەلگىلىك پەرق بار، ھەر بىر جايدىكى پەرق ئوخشىمايدۇ، بەزى جايلارنىڭ پەرقى چوڭراق، بەزى جايلارنىڭ پەرقى كىچىكرەك بولىدۇ. بۇنىڭدىكى ئومۇمىي ئوي بولسا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بار ئاھالىلەرنىڭ بىر جايدا ئولتۇراقلاشقان ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار بەھرىلىنىدىغان جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسى بىلەن نوپۇسى بارلار بەھرىلىنىدىغان جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسى ئارىسىدىكى پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش بولۇپ، بۇ تۈزۈم جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش. مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بىلەن نوپۇس تۈزۈمى ئارىسىدا پەرق قالماسلىقى مۇمكىن، ئۇ ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ نوپۇس تۈزۈمى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىگە ئۆزگىرىدۇ، بۇ پەقەت تۈزۈم جەھەتتىكى پەرەز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر