باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەر ئىشلىتىش مۇددىتى توشقان ئاھالىلەر ھەقلىق بېرىش سوممىسى تاپشۇرامدۇ؟

2016.04.20 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىز قانۇن-نىزامىدا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى مۇددىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغان. «دۆلەت يەرلىرىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋاقىتلىق نىزامى» نىڭ 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى تۆۋەندىكىدەك بەلگىلەندى: تورالغۇغا ئىشلىتىلىدىغان يەر 70 يىل، سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان يەر 50 يىل، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيەگە ئىشلىتىلىدىغان يەر 50 يىل، سودا، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر 40 يىل، ئۇنىۋېرسال ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان يەر 50 يىل بولىدۇ.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۈن شىيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: «نەرسە ھوقۇقى قانۇنى» نىڭ 149-ماددىسىنىڭ1-تارمىقىدا: «تورالغۇ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشقاندا ئۆزلۈكىدىن ئۇزارتىلىدۇ». بۇ يەردىكى «ئۆزلۈكىدىن ئۇزارتىش» شەرتسىز ئۇزارتىش بولۇپ، تولۇقلاپ ھەق تاپشۇرۇشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكى، مۇقىم مۈلۈكنى قايتا تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرمىسىمۇ بولىدىغانلىقى، يەرنى داۋاملىق قانۇنلۇق ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۇزارتىشتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  سۈن شىيەنجۇڭ «نەرسە ھوقۇقى قانۇنى» بەلگىلەنگەن ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:« ئەينى ۋاقىتتا، بەزىلەر تورالغۇ، قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىۋاتقان يەر دۆلەتنىڭ ، دۆلەت بۇ خىل يەرلەرنى 70 يىل ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىدۇ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى مۇددىتى توشقاندا، يەر دۆلەتكە قايتۇرۇۋالىدۇ. دۆلەت يېرىنى داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسا، جەزمەن دۆلەتكە ھەقلىق بېرىش سوممىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك،دەپ قارىغان. بىراق بۇ خىل ئۇسۇل سوتسىيالىستىك دۆلەت يېرى ئىگىدارلىق ھوقۇقى قانۇن نەزەرىيەسى ۋە ئەخلاق ئاساسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئەڭ ئاخىرقى قانۇن چىقىرىشتىمۇ يەر ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشتا قايتا ھەق تاپشۇرۇش قارىشى قوللىنىلمىغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر