باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۈركىيەدىكى جۇڭگولۇقلار رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشى كېرەك

2016.04.20 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى بەزى رايونلاردا كەينى كەينىدىن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تۇتاشقان جايىدىكى رايوننىڭ پۈتكۈل بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە قارا كۆلەڭكە پەيدا قىلدى. جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى جۇڭگولۇقلارغا تۈركىيەنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىغا ساياھەتكە بارماسلىقنى، ئۆز بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ چوڭ تىپتىكى يىغىلىشى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقنى سەمىگە سالدى.

  بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ھەمدە تۈركىيەنى تونۇشتۇرىدىغان ھەر قايسى پىروگراممىلارنىڭ مەملىكەت ئىچىدە ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان، ئوقۇۋاتقان، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ۋە ساياھەت قىلىۋاتقان جۇڭگولۇقلارنىڭ سانى تەدرىجىي كۆپەيمەكتە.

  ھالبۇكى، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى بەزى رايونلاردا كەينى كەينىدىن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تۇتاشقان جايىدىكى رايوننىڭ پۈتكۈل بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە قارا كۆلەڭكە پەيدا قىلدى. جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى جۇڭگولۇقلارغا تۈركىيەنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىغا ساياھەتكە بارماسلىقنى، ئۆز بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ چوڭ تىپتىكى يىغىلىشى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقنى سەمىگە سالدى.

  جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇل باشقارمىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇقلار ئاساسلىق جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانا خادىملىرى، ئوقۇغۇچىلار، يەككە تىجارەتچىلەر ھەمدە تۈركىيەدە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار قاتارلىقلار بولۇپ، 63 مىڭدىن ئاشىدىكەن. تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئىستانبۇل، پايتەخت ئەنقەرە، 3-چوڭ شەھەر ئىزمىر، ساياھەت مەركىزىي ئانتالىيە، ئوتتۇرا جەنۇبى قىسمىدىكى مۇھىم شەھەر قەيسەرىيدە جۇڭگولۇقلار تۇرىدىكەن.

  بۇ بىر نەچچە يىلدا، تۈركىيەنىڭ تامۇككالىي، كاپادوكيا قاتارلىق جايلىرىدا مۇخبىر جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى دائىم ئۇچراتتى، جۇڭگو ئاشخانىلىرىمۇ ھەر قايسى جايدا كۆپىيىشكە باشلىدى. بىراق جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر دۇچ كېلىۋاتقان يۇقىرى خەتەرلىك ساياھەت تۈرلىرى ۋە ئائىلە ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەتكە چىقىش ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي بىخەتەرلىك خەۋپى ھەمدە نەرسە كېرەكلىرى ئوغرىلىنىش، بۇلىنىش، ئالدىنىپ كېتىش قاتارلىق مال مۈلۈك بىخەتەرلىك خەۋپىمۇ كۆپەيمەكتە.

  2015-يىلى تۈركىيەدە 3 قېتىم ئىسسىق ھاۋا شارى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر بەختسىزلىككە ئۇچرىدى، بىر قىسىم جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئائىلە ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەتكە چىقىپ ۋەقە سادىر بولغان، ساياھەت مەنزىرىگاھلىرىدا ھەميېنىنى ئوغرىلاپ كېتىش، تاكسىلارغا ھەق تۆلىگەندە ئالدامچىلىققا ئۇچراش ياكى ساياھەت قىلغاندا پاسپورتىنى بۇلاپ كېتىش قاتارلىق ۋەقەلەرمۇ يۈز بېرىپ تۇردى.

  لى خانىم تۈركىيەنىڭ تامۇككالىيدا ساياھەت قىلغاندا، يېنىدىكى سومكا ئوغرىلاپ كېتىلگەن، پاسپورت ۋە پۇلى يىتۈپ كېتىپ، كېچىلەپ ئەنقەرەدىكى جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ ۋاقىتلىق پاسپورت بېجىرگەن. ئۇ ھەسرەتلىنىپ تۇرۇپ «ئويلىمغان يەردىن قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا سومكامنى ئېلىپ كەتتى، سىرتقا ساياھەتكە چىققاندا تېخىمۇ ئېھتىيات قىلساق بولىدىكەن،دېدى.

  شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە قارىتا، جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ساياھەت بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنى كۆپ قېتىم ئېلان قىلىپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى سەمىگە سالدى.

  تۈركىيە ساياھەت مەنزىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەمدىلا جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشكەن ئىدى، ئەمما شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى بۇنىڭغا ماسلاشمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قوشنا دۆلەت سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىمۇ ناچارلاشتى، تېررورلۇق كۈچلىرى تۈركىيەگە سىڭىپ كىرىپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا قوراللىق توقۇنۇش كۆپلەپ يۈز بەردى. بۇ ئامىللار شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۋەتتى.

  ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىن بۇ يىلنىڭ بېشىغىچە، تۈركىيەدە تۆت قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تەخمىنەن 2000 كىشى قازا قىلدى، دىياباكېر، شىرناك قاتارلىق جايلاردا قوراللىق توقۇنۇش يەنە داۋاملاشماقتا، بۇمۇ قىسمەن جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان جۇڭگولۇق خادىملارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئېلىپ كەلدى.

  ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئىستانبۇلدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سادىر قىلىپ، 10دىن ئارتۇق گېرمانىيەلىك ساياھەتچى قازا قىلدى، كۇرد ئەسەبىي تەشكىلاتى بولغان كۇرد ئەركىن بۈركۈتى ئەنقەرەدە 29 كىشى قازا قىلغان ئاپتوموبىل پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغاندا يەنە تۈركىيە ساياھەتچىلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سادىر قىلىمىز دەپ جار سالغان ئىدى.

  جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇل باشقارمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەلچىخانىمىزنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تېلېفونى 24 سائەت ئوچۇق تۇرىدۇ ھەمدە تۈركىيەدىكى ئاساسلىق شەھەرلەردە بىخەتەرلىك ئالاقىلەشكۈچى خادىمى تۇرغۇزۇپ، ياردەمگە موھتاج جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى ۋاقتىدا ياردەم بىلەن تەمىنلەيمىز، جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھامان، ئەلچىخانىمىز ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ياردەم بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر