باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيىتى باشلاندى

2016.04.20 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ فىلىمگە ئېلىش زالىدا، يېزا، مەھەللە، مەكتەپ، ئائىلىلەرگە كىتاب يەتكۈزۈش بويىچە كىتاب ئىئانە قىلىش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن «مەملىكەت بويىچە كىتابخۇمار ئائىلە» شەرىپىگە ئېرىشكەن 23 ئائىلە ۋەكىللىرىگە ۋىۋىسكا بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 21-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيىتى داغدۇغىلىق باشلاندى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن كىتاب ئىئانە قىلىش ۋە ۋىۋىسكا بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  23-ئاپرېل 21-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى، شۇنداقلا مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات - رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ ئون يىللىق خاتىرە كۈنى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ قېتىمقى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيىتىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي نىشان قىلىنغان ھالدا، يۈرۈشلۈك تەشۋىقات، ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ، زامانىۋى مەدەنىيەت يېتەكچى قىلىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قالاق ئادەتلەردىن قول ئۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇش تەشەببۇس قىلىنىپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە پائال يېتەكلىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ ھەم تىرىشىپ ئىتتىپاق، مۇقىم، ئىناق، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر