باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ ئىككى بەلگىلىمە مەمۇرلارغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ

2016.04.20 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 18-ئاپرېل 23-قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، «كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» ۋە بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، شىنجاڭلارنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جۆرىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش قىلمىشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)نى ماقۇللىدى.

  مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ

  ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، جامائەت باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا تۈرى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرى بويىچە مەمۇرلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىشنى تىزلىتىش كېرەك. باشقۇرۇش ئۈنۈمى ۋە ئىلمىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزلەپ، خىزمەت خاراكتېرى ۋە ۋەزىپە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان كەسپىي تەرەققىيات يولى بېكىتىپ، تۈرگە ئايرىپ قوبۇل قىلىپ، باھالاپ، تەربىيەلەپ، مەمۇرلار بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرىنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەمۇرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاش كېرەك.

  دۆلەت مەمۇرىي ئىنستىتۇتى جامائەت باشقۇرۇش ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى سۇڭ شىمىڭ مۇنداق دېدى: تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش «مەمۇرلار قانۇنى» يولغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك خىزمەت بولۇپ، مەمۇرلارنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ئۆتكەل، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ قارالمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ سودا قىلىشى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

  چەك ئېنىق ئايرىلىپ، ئومۇمىي ھوقۇققا تايىنىپ بايلىق يىغىش چەكلىنىدۇ

  يىغىندا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جۆرىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يىغىندا، شاڭخەيدە ئالدى بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، داۋاملىق بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، شىنجاڭدا نۇقتىدا سىناق قىلىش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوبيېكتىپ دائىرىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش بويىچە، قاتتىق، باشلامچىلىق بىلەن قېلىپلاشتۇرۇپ، يۇقىرى تۆۋەننى يېتەكلىشى كېرەك. سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش قىلمىشىنىڭ دائىرىسىنى قاتتىق بېكىتىپ، قېلىپلاشتۇرۇش تەرتىپىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش ئاساسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەزلىك قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغاندىن كېيىن، دائىملىق باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر