باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت زېمىن بايلىقى تارماقلىرى «تۇرالغۇ يېرىنىڭ ۋاقتى توشۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كىرىشتى

2016.04.21 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىسمەن شەھەرلەردە كۆرۈلگەن ئۆي-زېمىن ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋاقتى توشۇش مەسىلىسىگە قارىتا، دۆلەت زېمىن بايلىقى تارماقلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  20-ئاپرېل دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدىكى قىسمەن ئۆيلەرنىڭ 20 يىللىق زېمىن ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ۋاقتى توشقان، مۇددەت ئۇزارتىشقا ئائىت مەسىلىلەر جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتقان. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جېجياڭ ئۆلكىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى بىلەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش-تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 20-ئاپرېل جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرىدە تۇرالغۇ ئۆي-زېمىن ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ 20 يىللىق ۋاقتى توشقاندىن كېيىنكى مۇددىتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شېنجېن شەھەرلىك پىلانلاش ۋە دۆلەت زېمىن كومىتېتى ئورگىنى مىكرو بىلوگىدا ئۇچۇر تارقىتىلىپ، شېنجېن شەھىرىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بېرىلىپ، 1995-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن بۇرۇن «يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامنامىسى» ئىمزالىغان زېمىنلارنى دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى يىل مۇددىتىگە ئۇزارتىشقا بولىدىغانلىقى، يەر باھاسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىقى قارار قىلىندى.

  1995-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن كېيىن «يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامنامىسى» ئىمزالىغان زېمىنلارنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، مۇددىتىنى قانداق ئۇزارتىش، يەر باھاسى ھەققىنى تاپشۇرۇش كېرەكمۇ-يوق، دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر تەتقىق قىلىپ تۈزۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر