- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
روسېلف ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2016.04.21 15:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ سىياسىي كىرىزىسقا پېتىپ قالغان بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسېلف 19-ئاپرېل مۇنداق دېدى: بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن رىئودى ژانىرو شەھىرى ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھازىر مەيدان ساراي، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى، بىرازىلىيە بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.
ئۇ: رىئودى ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تارىختا ئەڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر