باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش چېمپيونلۇق مۇسابىقىسى 1-ماي ئۆتكۈزۈلىدۇ

2016.04.21 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (ماتېرىيال سۈرەت)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش چېمپيونلۇق مۇسابىقىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسى 5- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە يوپۇرغا ناھىيەلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيەلىرىدىن كوماندا تەشكىلەپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، چېلىشىش، ياپونچە چېلىشىش ھەرىكىتى جەمئىيىتى ھەمكارلاشقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نيې چۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم شىنجاڭ تەنتەربىيەسىنى كەسىپلەشتۈرۈشتە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن، شۇنداقلا 2016 - يىلى شىنجاڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانات يايدۇرۇلغان بىر تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيىتى ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 1 - مايدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا، يوپۇرغا ناھىيەسى ئۆسمۈرلەر چېلىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق بىر قاتار ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېسىل نومۇرلارنى تەشكىللەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر