- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى: ئوتتۇرا يەر دېڭىزدىكى ۋەقەدە 500 كىشى قازا قىلدى
2016.04.21 15:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: لىۋىيە چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ ئىتالىيەگە ماڭغان بىر پاراخوت بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 500 ئادەم قازا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى 19-ئاپرېل ھايات قالغان 41 ئادەمنى ئۇچراتتى. ھايات قالغۇچىلار مۇنداق دېدى: بىز دەسلەپتە بىر كىچىك كېمىگە ئولتۇرغان ئىدۇق، كەينىدىن ئوغرىلىقچە چېگرىدىن ئۆتۈشكە تەشكىللىگۈچى ئادەم بىزدىن يەنە بىر ئادەم توشۇپ بولغان چوڭ پاراخوتقا يۆتكىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ چوڭ پاراخوت كىشىلەر يۆتكىلىۋاتقاندا ئۆرۈلۈپ كەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى مۇنداق دېدى: ھايات قالغان 41 كىشى ئايرىم ئايرىم سومالى، ئېفىئوپىيە، مىسىر ۋە سۇداندىن كەلگەن، نۆۋەتتە گىرېتسىيەنىڭ بىر ئارىلىدىكى تەنتەربىيە سارىيىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر