- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو ۋەكىلى سومالىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى
2016.04.21 15:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ 19-ئاپرېل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن سومالى مەسىلىسى بويىچە ئاشكارا يىغىنىدا: سومالىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى ئاجىز، ھەر قايسى تەرەپلەر سومالىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك دېدى.
ۋۇ خەيتاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو سومالى زۇڭتۇڭى مەھمۇد ۋە سومالىدىكى ھەر قايسى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزگەن مەملىكەتلىك رەھبەرلەر مۇنبىرىدە 2016-يىللىق چوڭ سايلام مۇساپىسى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو سومالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھانىسبېرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئافرىقىنىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ مۇستەقىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر