- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پاكىستاندىكى بىر جىنايى شايكا ئارمىيەگە تەسلىم بولدى
2016.04.21 15:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پاكىستان ئارمىيەسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى پەنجاب ئۆلكىسىدە بىر جىنايەت شايكىسى شۇ كۈنى ئارمىيەگە شەرتسىز تەسلىم بولدى. پاكىستان ئارمىيە تەرەپ باياناتچىسى باجېۋا مۇنداق دېدى: مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا 13 كىشى شۇ كۈنى ئارمىيەگە شەرتسىز تەسلىم بولدى ھەمدە ئۇلار تۇتقۇن قىلىۋالغان 24 ساقچىنى قويۇپ بەردى. باجېۋا مۇنداق دېدى: ئارمىيە تەرەپ جىنايى ئۇنسۇرلارنىڭ تۇرالغۇسىنى تازىلايدۇ، بارلىق جىنايى ئۇنسۇرلارنى يوقاتقاندىلا ھەرىكەت بولۇۋاتقان رايونلاردىن چېكىنىپ چىققىلى بولىدۇ. پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تەشكىلات ئاساسلىق قوراللىق كۈچلەر، باندىت، بۇلاڭچى ۋە كوچا جىنايى ئۇنسۇرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر