باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ش ئا ئە ت بىلەن رۇسىيە كېڭىشى باش ئەلچى دەرىجىلىكلەر ئالاھىدە يىغىنى ئۆتكۈزدى

2016.04.21 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە كېڭىشى تۈنۈگۈن برېيۇسسىلدا باش ئەلچى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى ئېچىپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسى، ئافغانىستان مەسىلىسى ھەمدە خەۋپلەرنى كونترول قىلىش قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشى ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن قايتىدىن باشلانغان كېڭەش يىغىنى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ يىغىندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە مېنىسكىي كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك، تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە بىردەك قوشۇلدى، خەۋپىنى باشقۇرۇش كونترول قىلىش مەسىلىسىدە ستولتېنبېرگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئاشكارىلىقنى ئىپادىلىدى، بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيەگە پايدىلىق، شۇنداقلا ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر