باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى كېمە ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە 500 كىشى قازا قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دېدى

2016.04.21 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى 20-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا، لىۋىيەدىن ئوغرىلىقچە ئىتالىيەگە ماڭغان بىر كېمىنىڭ تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكى، 500 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنىڭ ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن ئىكەنلىكى ئېيتىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ 19-ئاپرېل 14 ھايات قالغۇچىنى بايقىغانلىقى ئېيتىلدى. بۇ ھايات قالغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ باشتا بىر كىچىك كېمىگە ئولتۇرغانلىقىنى، ئارقىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللىگەنلەرنىڭ ئۇلارنى باشقا بىر توشۇپ كەتكەن چوڭ كېمىگە يۆتكىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، چوڭ كېمىنىڭ ئۇلار يۆتكىلىۋاتقاندا ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

  بۇ ھايات قالغۇچىلار ئىچىدە بەزىلەر تېخى چوڭ كېمىگە يۆتكىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن، بەزىلىرى چوڭ كېمىدىن سەكرەپ، كىچىك كېمىگە ئۈزۈپ بارغانلار ئىكەن. ئۇلار دېڭىزدە تەخمىنەن ئۈچ كۈن لەيلەپ يۈرگەندىن كېيىن، 16-ئاپرېل بىر سودا پاراخوتى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىققان.

  ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى، بۇ 41 ھايات قالغۇچىنىڭ ئايرىم-ئايرىم سومالى، ئېفىيوپىيە، مىسىر ۋە سۇداندىن كەلگەنلىكىنى، ھازىرچە گرېتسىيەگە تەۋە بىر ئارالدىكى تەنتەربىيە سارىيىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

  خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 732 كۆچمەن ۋە مۇساپىر ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا بېرىش يولىدا، ۋەقەگە يولۇقۇپ قازا قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر