باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.04.21 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 20-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى بويىچە نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە بىر تۈركۈم يېڭى ئۈلگە بازىلىرى قۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، سەۋىيەگە يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى؛ تاشقى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت تەدبىرلەر بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت نۇقتىنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ ئىشلىشى كېرەك. مائارىپ، داۋالاش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «كۆكتات سېۋىتى»گە شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردە قولايلىق كۆكتات قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى ساتىدىغان مەخسۇس رايون ئورۇنلاشتۇرۇپ، زاپاسنى ياخشى تەڭشەپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە ئۆلچەمگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىرلەشمە مېخانىزىملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك جامائەت سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، ئادەمنى ئاساس، دۆلەت ئەھۋالىنى مەۋقە قىلىپ، ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، پىكىر ئېلىپ، ھەممىنى «بىر تاياقتا ھەيدىمەي»، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر