- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئىشخانىسى مەمۇرلار زەھەر چېكىش مەسىلىسىگە قارىتا كەچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى
2016.04.21 14:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «مەمۇرلارنىڭ زەھەر چېكىش مەسىلىسىگە بولغان باشقۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « ئۇقتۇرۇش » دېيىلىدۇ )تا مەمۇرلارنىڭ زەھەر چېكىش مەسىلىسىنى ھەرگىزمۇ كەچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى ھەم بىر قىسىم جايلاردا مەمۇر قوبۇل قىلغاندا، زەھەر چېكىش مەسىلىسىنىڭ بار-يوقلىقىغا بولغان تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مەمۇرلار زەھەر چېكىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش، بايقاش ۋە تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەكىتلەندى. جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرلارنىڭ زەھەر چېكىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش-بايقاش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، زەھەر يىپ ئۇچى مەنبەسىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپ پاش قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، مېھمانخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، خۇسۇسىي يىغىن ئورنى ۋە ئىجارە ئۆيلەر قاتارلىق زەھەرگە چېتىلىدىغان خەتىرى يۇقىرى ئورۇنلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى كۈچەيتىش لازىملىقى تەلەپ قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر