باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋۇش ئوغلى ي ئە ئى نىڭ تۈركىيەگە ياردەملىشىپ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.04.21 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى تۈنۈگۈن ئەنقەرەدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن بۇيان، تۈركىيەدىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرگەن قانۇنسىز مۇساپىرلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، ئەمما تۈركىيە نۆۋەتتە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردە مەبلەغ ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتا، چاۋۇش ئوغلى شۇ كۈنى پولشانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاشچىكىۋۇسكىي بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھەر ئايدا 5000 گە يېقىن قانۇنسىز مۇساپىر تۈركىيەدىن گىرېتسىيەدىكى ئالتە ئارالغا كىرەتتى، ھازىر 100 گە ئازايدى. تۈركىيە مۇساپىرلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ بولدى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىغا، مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلىشىگە جىددىي ئېھتىياجلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر