- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېلگىيە يېڭى بىر تۈركۈم ئىسلام دۆلىتى ئەزالىرىنىڭ سىڭىپ كىرگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلدى
2016.04.21 15:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېلگىيە بىخەتەرلىك تەھدىتىنى تەھلىل قىلىپ ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىڭ مەسئۇلى فاندىگېرىت 19-ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاخباراتتىن ئايان بولۇشىچە ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ يېڭى بىر تۈركۈم ئەزالىرى بېلگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئەللىرىگە كىرگەن. بېلگىيە دائىرىلىرى يېقىندا سەزگۈر رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش تەدبىرىنى كۈچەيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: برېيۇسسىلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ھەمدە زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، لېكىن خەتەر تۈگىگىنى يوق. ئۇ شۇ كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: مەملىكەت بويىچە بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى يەنىلا ئۈچىنچى دەرىجىدە بولىدۇ، بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر