- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇرت ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ نىشانىنى بومباردىمان قىلدى
2016.04.21 15:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە دوئان ئاگېنتلىقىنىڭ 19-ئاپرېل خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شۇ كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇرت ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلغان، لېكىن خەۋەردە ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالى ئاشكارىلانمىغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى 19-ئاپرېل چۈشتە 22 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گاللاس رايونىدىكى كۇرت ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنىڭ نىشانىنى بومباردىمان قىلىپ، بىر قىسىم پاناھلىنىش ئورنى، لەخمە ۋە قورال-ياراق، ئوق-دورا ئىسكىلاتىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.
يېقىندىن بۇيان، تۈركىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپلەپ يۈز بەردى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۇرت ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىغا قاراتقان زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتتى ھەمدە نۇرغۇن جايلاردا ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بار كىشىلەرنى قولغا ئالدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە چېگرانى باشقۇرۇش كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر