باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېكۋاتوردىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە 480 ئادەم قازا قىلدى

2016.04.21 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېكۋاتور دۆلەتلىك خېيىم خەتەرنى باشقۇرۇش كاتىبات باشقارمىسى 19-ئاپرېل مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىز بويى رايونىدا 16-ئاپرېل يۈز بەرگەن 7.8 بال يەر تەۋرەشتە 480 ئادەم قازا قىلدى، ئۈچ مىڭغا يېقىن ئادەم يارىلاندى، ئۇنىڭدىن باشقا نەچچە يۈز ئادەم يوقاپ كەتتى، 20 مىڭدەك ئادەم ئۆي ماكانسىز قالدى.

  ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ تېمپۇراتۇرىسى نەم بولغاچقا، زېكا قىزىتمىسى، دىنگى قىزىتمىسى قاتارلىق يۇقۇم ئەھۋاللىرى يامراشقا باشلىدى. ھازىر خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى كەينى كەينىدىن ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا يەتكۈزۈلدى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئېكۋاتور زۇڭتۇڭى كورىئا زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاپ ئېكۋاتورنىڭ ئىككى ئاي جىددىي ھالەتكە كىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر