باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

«سىلەر شىنجاڭ روھىنى نامايان قىلدىڭلار»

2016.04.21 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 20 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى بارلىق تىرېنېر، ئەزالار ۋە كۇلۇب خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەرنىڭ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭ روھىنى نامايان قىلغانلىقىنى ماختىدى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ شىنجاڭ روھىنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم كۆزنەك، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكلىگۈچىسى ۋە ئاممىغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەشتىكى تەشۋىقاتچى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  كۆرۈشۈشتە، جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىك بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ھەم كوماندا ئەزالىرىنىڭ مەشىق، تۇرمۇش ۋە جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تەسىراتىنى تەپسىلىي سورىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› كوماندىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، كوماندىدىكىلەرنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىش روھى، قاتتىق سىناققا بەرداشلىق بېرىش روھىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئىپادەڭلار پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە شىنجاڭلىقلارنىڭ خىسلىتىنى، شىنجاڭ روھىنى نامايان قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكلىگۈچىلىرىدىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مەيلى زامانىۋى مەدەنىيەت بولسۇن ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولسۇن، ھەممىسلا ۋاسىتىگە موھتاج. شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەنە شۇنداق بىر مۇھىم ۋاسىتە. بۇ كوماندىنىڭ قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ كوللېكتىپنىڭ ھەمكارلىشىپ 2 – دەرىجىلىك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق نامايەندىسى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، لى شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر