باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇ دۆلەتتىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتتى

2016.04.21 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ كونسۇل مۇلازىمەت تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تاجىكىستاندا تۇرۇۋاتقان ياكى بارماقچى بولغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىشنى ئەسكەرتتى.

  جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا تەرەپ مۇنداق دېدى: 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن كېيىن، تاجىكىستان چېگراسى ئىچىدە ھاۋا ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ئۇدا قاتتىق يامغۇر يىغىپ، كەلكۈن كېلىپ تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش، لاي-لاتقا ئېقىنى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەت بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ. شۇڭا، تاجىكىستاندا تۇرۇۋاتقان ياكى بارماقچى بولغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تاجىكىستاننىڭ ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشىنى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىنى، ئۆزىنى ئۆزى قوغداشنى كۈچەيتىشنى، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بار رايونلاردىن ۋاقتىنچە ئايرىلىشنى ۋە ۋاقتىنچە بارماسلىقنى؛ ئەگەر جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سوراپ ھەم ئەلچىخانا بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

  قوشۇمچە: شۇ جايدىكى مەلۇم قىلىش تېلېفونى: جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا تېلېفونى: 00992-935710666

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يەر شارى كونسۇل قوغداش ۋە مۇلازىمەت جىددىي چاقىرىش مەركىزىنىڭ تېلېفونى: +86-10-12308 ياكى+86-10-59913991.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر