باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ

2016.04.26 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25 - ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئالغا سۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر توردا تىزىملىتىش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش، ئىمتىھان مەيدانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشقان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئادەم سانى بۇلتۇرقىدىن 5600 ئادەم كۆپ ئىكەن.

  2016-يىلى شىنجاڭدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، ئىجتىمائىي پەندىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 50 مىڭ 400 ئادەم، تەبىئىي پەندىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 106 مىڭ 600 ئادەم، « ئۈچ خىل مەكتەپ» ئوقۇغۇچىلىرى 9100 ئادەم ئىكەن. جەمئىي 193 ئىمتىھان نۇقتىسى، 7005 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان. تىزىملاتقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى يەنىلا ئۈرۈمچى شەھىرى بولۇپ، 25 مىڭ 500 ئادەم تىزىملاتقان؛ ئۇنىڭدىن قالسا، قەشقەر ۋىلايىتى بولۇپ، 24 مىڭ 200 ئادەم تىزىملاتقان.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرى ئىچىدە تىزىملاتقان ئادەم سانى 10 مىڭدىن ئاشقان رايونلاردىن يەنە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر