باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ

2016.04.25 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23-ئاپرېل جۇڭگو ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش تەتقىقات جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن "جۇڭگو زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى"دە مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان پۇرسەت ۋە خىرىس ، يېزا ئىگىلىكى مال ئوبوروت تورىدىن پايدىلىنىش، يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى، باھا قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىكى رايونلىرىنىڭ تەمىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. شەرقىي قىسىمدىكى رايونلار يېزا ئىگىلىكى بايلىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈجۈپىلەشكەن، كەسىپلەشكەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېشىل يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئوتتۇرا قىسىمدىكى يېزائىگىلىكى رايونلىرى، ئۈستۈنلۈككە ئىگە رايون ۋە ئالاھىدە كەسىپ بەلبېغىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە كەسىپلەرنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم. قۇرغاق يېزا ئىگىلىكى رايونلىرى، سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك؛ يايلاق چارۋىچىلىقى رايونلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، چارۋىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈپ تۈجۈپىلەشتۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. چوڭ ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونلىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، ئارامگاھ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: مۇناسىپ ئىسلاھات سىياسەت تەدبىرلىرىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش كېرەك. تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈش لازىم. يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ۋە ئالا يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى ئىلىمىي تۈزۈپ، ئالا يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى يارىتىش كېرەك. يېزائىگىلىكى بايلىقى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر