يەمەن خوسې قوراللىقلىرى كۇۋەيتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا ۋەكىل ئەۋەتىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2016.04.25 16:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
يەمەن خوسې قوراللىقلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان سابىق زۇڭتۇڭ سالىھ تەرەپدارلىرى 20 – ئاپرېل ب د ت نىڭ رىياسەتچىلىكىدە كۇۋەيتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا ۋەكىل ئەۋەتىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خوسې قوراللىقلىرىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: خوسې قوراللىقلىرى ۋە سالىھ تەرەپدارلىرى ب د ت نىڭ يەمەن مەسىلىسى ئەلچىسى شەيخ ئەخمەتكە ئالاقە ئەۋەتىپ ئۆزلىرىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر