باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4– نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو – ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2016.04.26 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھىمىت خەۋىرى) 25–ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، 4 –نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو– ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسىنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 4– نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو – ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسىنىڭ 12-مايدىن، 14-مايغىچە ئۈچ كۈن ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو – ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى خۇسۇسىي كارخانىلار ۋە مىللىي ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى تېزلىتىش، شىنجاڭدىكى ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ تېز ۋە ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، خەلقئارا بازارنى ئاكتىپ ھالدا ئۈزلۈكسىز ئېچىش، شىنجاڭدىكى خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىق ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. 1 –، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو - ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى ئۈرۈمچىدە غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدا زور تەسىر قوزغىدى. 2016 - يىلى 19 - مارتتىن 21 - مارتقىچە خوتەن شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرو – ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» جەنۇبىي شىنجاڭ يەرمەنكىسى، يەنى 3 – نۆۋەتلىك ياۋرو – ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ياخشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتتى. بۇ ئۈچ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 41 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئېشىپ، ئېكىسكۇرسىيەچىلەر 380 مىڭ (قېتىم) غا، يەرمەنكىدىكى سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 3 مىليارد 428 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  بۇ ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرو – ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئالتۇن زېمىن شىنجاڭغا قايتىدىن ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىپ، مىللىي كارخانىلار روھىنى ئۇرغىتىشقا باشلىدى. يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ئارقا – ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى، مىللىي، خۇسۇسىي كارخانىچىلارنى قىممەتلىك پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغىغا «كۆۋرۈك» سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشتى. مۇشۇ ۋەجىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بۇلتۇر 21 – مارت 6 – نومۇرلۇق ھۆججەت تارقىتىپ، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق قوللايدىغان جۇڭگونىڭ داڭلىق يەرمەنكىسى ئۈچۈن، شىنجاڭ رايونىدىن ياۋرو – ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىپ كۆرسىتىپ بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 16 مىڭ كىۋدرات مېتىر بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى ، خەلقئارا ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى، كىيىم - كېچەك ، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش، بىيو پەن - تېخنىكا بۇيۇملىرى ، مۇلازىمەت - سودا، ئاسار – ئەتىقە، ئۆي – زېمىن ، ئۆي جاھازىلىرى كۆرگەزمە رايونى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان، كارخانا ۋە ئورۇنلار جەمئىي 500 كۆرگەزمە ئورنىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. ھازىرغىچە، كۆرگەزمە ئورۇنلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى زاكاس قىلىنىپ بولغان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئاۋىسترالىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئافغانىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كارخانىچىلارمۇ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى يەرمەنكىدە نامايان قىلماقچى بولغان.

  شىنجاڭ سىنتاش سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش لېدىرى، ياۋرو – ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسىنى روياپقا چىقارغۇچى دىلئارام قۇربان يېڭى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يەرمەنكە ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: 4 – نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە يېڭىلىقلار يىللاردىكىدىن ئىنتايىن كۆپ. يەرمەنكە داۋامىدا ئىلگىرىكىدەك ھەر خىل پائالىيەت ۋە مۇنبەرلەر ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا، بۇ نۆۋەت «كىتاب، ئاپتور ۋە ئوقۇرمەن مۇنبىرى»، «زەنجىرسىمان كەسپ كارخانىلىرى يەرمەنكىدە»، «چۈش ئىجادىي كارتون ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»، «ئالتۇن كۆۋرۈك سەھنە – ئېكرانى» قاتارلىق ئۆزگىچە پائالىيەتلەر ئارقىلىق، كۆرگەزمە ئىشتىراكچىلىرىغا ئوخشىمىغان يەرمەنكىنى سۇنىمىز. جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو – ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى بىخلىنىش باسقۇچىدىن تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بىز چوقۇم ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقئارالاشتۇرۇش، كەسپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش قەدىمىمىزنى تېزلىتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو – ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسىنى ئىسمى – جىسمىغا لايىق «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبىغىغا سېلىنغان «ئالتۇن كۆۋرۈك» قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر