باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يىغىپ ساقلىغان كىتابخۇمار

2016.04.26 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەلىك كۇتۇپخانىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە يوللانغان 28 ئائىلە ئىچىدىن «دولان» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىڭ كادىرى تۇرسۇنجان ھەسەن دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات، رادىئو-تېلىۋېزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن «كىتابخۇمار ئائىلە» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. بۇ قېتىم بۇ شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەنلەر جەمئىي ئون كىشى بولۇپ، تۇرسۇنجان ھەسەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن تاللانغان كىتابخۇمار كىشىكەن.

  تۇرسۇنجان ھەسەن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تۆۋەنكى دولان مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا كىتابقا ئالاھىدە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان. ئوقۇغان مەكتىپىنىڭ ناھىيەلىك كۇتۇپخانىغا يېقىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان كىتابلىرىنى ئوقۇغان، ساقلىغان پۇللىرىغا كىتاب سېتىۋېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭ ساقلىغان كىتابلىرى 10مىڭ پارچىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بالىلىق چاغلىرىدىكى يوقىرى ساپالىق زىيالىي بولۇش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنى زىيالىغا ئايلاندۇرۇپ، بەختلىك زىيالىلار ئائىلىسىنى قۇرۇپ چىققان.

  تۇرسۇنجان ھەسەن ھەپتىسىگە 2-3 قېتىم كىتاپخانا ۋە كۈتۈپخانا ئايلىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇ بۇ قېتىم دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات، رادئىو-تېلىۋېزىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون بويىچە تاللانغان 10 مۇنەۋۋەر ئوقۇرمەننىڭ بىرى بولۇپ تەقدىرلىنىپ، ئاۋات ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر