- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەتەرلىك خىمىيىۋىي بويۇملارنىڭ بىختەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ
2016.04.25 16:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش، نازارەتچىلىك قىلىش كومىتېتى يېقىندا ئۇختۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىلى 4-ئايدىن 10-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە خەتەرلىك خىمىيىۋىي بويۇملارنىڭ بىختەرلىكىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرشنى قارار قىلدى. ئۇختۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئامونىي نېترات، نېتراتلاشتۇرۇلغان پاختا، ناترېي سىيانىد ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، تىجارىتى قىلىش، توشۇش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئامونىي نېترات، نېتراتلاشتۇرۇلغان پاختا، ناترېي سىيانىدنىڭ خەتەرلىكلىكىنى چۈشەندۈرۈش تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ ئالاقىدار كارخانىلارنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئامونىي نېتراتقا ئالاقىدار بىر قاتار ۋەقەلەردىن ساۋاق ئېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامونىي نېتراتنى بىخەتەر باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى لازىم. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن قاتناش تىرانسىپورت تارماقلىرى خەتەرلىك خىمىيىۋىي بويۇملارغا ئالاقىدار پورت، ئىسكىلات، پىرىستانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، رەتكە سېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر