باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

2016.04.25 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى 22-، 23-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: دىن مەسىلىسى پارتىيەمىز دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك زور مەسىلە بولۇپ كەلدى، دىن خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيلىقىدا ئىنتايىن مۇھىم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىگە، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئېلىمىزنىڭ دىن خىزمىتى ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە ۋە دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىكسېپى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، دىن خىزمىتىنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، دىنىي پائالىيەتلەر ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەمىزنىڭ دىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيە ۋە فاڭجېن، سىياسەتلىرى توغرا.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم بىلەن ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش؛ پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشتا ئاچقۇچ يېتەكلەش ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش، تولۇق چۈشىنىش، توغرا ئىگىلەش، پەملىك، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، دىن خىزمىتىدىكى تەشەببۇسكارلىقنى پۇختا ئىگىلەش.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئاكتىپ، ساغلام دىن مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك. ئېلىمىزدە، دىن مۇناسىۋىتى پارتىيە خەلق بىلەن دىننىڭ، جەمئىيەت بىلەن دىننىڭ، دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان دىنلارنىڭ، ئېلىمىزدىكى دىنلار بىلەن چەتئەللەردىكى دىنلارنىڭ، دىنغا ئىشىنىدىغان ئامما بىلەن ئىشەنمەيدىغان ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىن مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئېلىمىزدىكى دىنلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ پىرىنسىپنى پۇختا ئىگىلەپ، دىن بىلەن ھاكىمىيەتنى ئايرىش، دىن مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، مائارىپ قاتارلىق دۆلەت فۇنكسىيەسىنى يولغا قويۇشقا ئارىلاشماسلىق، ھۆكۈمەت دۆلەت مەنپەئەتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بىلەن قېلىپلاشتۇرۇپ، دىنغا چېتىلىدىغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تەڭشەش؛ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەشۋىق تەربىيەسىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قانۇن بىلەن دىنىي قائىدىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دىنىي تەشكىلاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ئالاقىلىشىشتىكى كۆۋرۈك ۋە تۈگۈن، ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىشىغا زۆرۈر مەدەت ۋە ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ دىننىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىكى رولىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، سىياسىيدا ئىشەنچلىك، ئىستىلدا دېموكراتىك، خىزمەتتە ئۈنۈملۈك يۇقىرى ساپالىق رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى تىرىشىپ قۇرۇش؛ سىياسىيدا ئىشەنچلىك، دىندا سەۋىيەلىك بولۇش، پەزىلىتى كىشىلەرنى قايىل قىلىش، ھالقىلىق پەيتتە رول ئويناش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىدە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەشكە مەدەت بېرىش لازىم. چەتئەلنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىش؛ ئىنتېرنېتتىكى دىنىي مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتېرنېتتا پارتىيەنىڭ دىن نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىجابىي سادانى تارقىتىش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە دىن خىزمىتىنىڭ دائىرىسى كەڭ، ۋەزىپىسى ئېغىر، بۇ خىزمەتنى ھەم ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ھەر قايسى دىنلارنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى ئىگىلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق ئومۇمىي خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار دىنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىن خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، دىن خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ، دىن خىزمىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى؛ پارتىيەنىڭ دىن مەسىلىسى ھەققىدىكى نەزەرىيە ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشى؛ كۈچلۈك رەھبەرلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ پارتىيەنىڭ دىن مەسىلىسى ھەققىدىكى نەزەرىيە ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشى كېرەك. كومپارتىيە ئەزالىرى ماركسىزملىق ئاتېئىزمچىلاردىن بولۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، غايە ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ باش مەقسىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، دىندىن ئۆزلىرىنىڭ قىممىتى ۋە ئېتىقادىنى ئىزدىمەسلىكى كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، دىن خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، دىن خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى، ھەمدە يېڭى ۋەزىيەتتە دىن خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، بۇ مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، كۆپچىلىكنىڭ مۇھىم سۆزنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يۈ جېڭشېڭ خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قايسى رايونلار، تارماقلار يىغىننىڭ روھىنى ھەقىقىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ روھى ۋە تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر