باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئىدىيىۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشنى 1-ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالالايدىغان، پاك-دىيانەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2016.04.26 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چوقۇم قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سىياسىي قانۇن ئۇرۇش سېپى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قولدا گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى، بىر قولدا ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنىڭ سىياسىي ساپاسى، كەسپىي ئىقتىدارى، ئىنتىزام ئىستىلى جەھەتلەردە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە سىياسىي قانۇن قوشۇنىنىڭ ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، خەلق تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. ئىدىيىۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشنى 1-ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيدا قاتتىق بولۇش، كەسىپتە قاتتىق بولۇش، مەسئۇلىيەتتە قاتتىق بولۇش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش، ئىستىلدا قاتتىق بولۇش تەلىپى بويىچە، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالالايدىغان، پاك-دىيانەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنىڭ كەسپ ماھارىتى ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ساقچىلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ پاك-دىيانەتلىك بولۇش، ئىش بېجىرىپ، ئىگىلىك تىكلەشتەك ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر