باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرى: تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش دۆلەت ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزىدۇ، دېدى

2016.04.26 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرى لۇ جىۋېي: «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش 18-نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قارار قىلىنغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. ھازىر، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش بېسىمى يەنىلا نىسبەتەن چوڭ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدنىڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى مۇقىملاشقىنى يوق، بۇنىڭغا يەنە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشى ۋە جانلىنىش ئاجىز بولۇشنى قوشقاندا، ئۇزاقتىن بۇيان توپلانغان قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولماقتا. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، بىرگە تەگسە ھەممىگە تەسىر قىلىشتەك كۆرۈنەرلىك رولغا ئىگە، ئۇ ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى كۈچلۈك يادەم بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىياتنى سىجىل ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئىگە قىلىدۇ» دېدى.

  باج تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىچكى قىسىمى بىلەن 2-، 3-كەسىپلەر ئارىسىدىكى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، تەكرار باج ئېلىشنى تۈزۈم جەھەتتىن تۈگىتىپ، باج يېغىشنىڭ نېيترال رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇقىم مۈلۈكنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەندە، ئىستېمال تىپىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئايلىنىشىنى نىسبەتەن مۇكەممەل ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش، ئېلىمىزنىڭ مالىيە-باج تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇھىم يول ئېچىپ بەردى.

  لۇ جىۋېي چۈشەندۈرۈپ: «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ يەنىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ باج سېلىقىنى يىنىكلىتىدۇ؛ كەلگۈسىگە قارىغاندا، بۇ تۈرلۈك ئىسلاھات دۆلەت ۋە خەلقنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ نەتىجىلەر ئالدىنقى مەزگىللىك نۇقتىدا سىناق قىلىشتا ئىپادىلىنىپ بولدى. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2012-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئالدىنقى مەزگىلىك نۇقتىدا سىناق قىلىشتا جەمئىي 641 مىليارد 200 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلگەن. تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش نۇقتىدا سىناق قىلىنغان بۇيان، 3-كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ كۆلىمى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %52.6تىن 2015-يىلىدىكى %56.6كە يەتكەن؛ 3-كەسىپتە يارىتىلغان قوشۇلما قىممەتنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ تەدرىجىي ئېشىپ، 2012-يىلىدىكى %45.5تىن تەدرىجىي 2015-يىلىدىكى %50.5كە يېتىپ، تۇنجى قېتىم يېرىمىدىن ئاشقان» دېدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر