باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئاكام»نىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم

2016.04.25 16:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىن سەيشېڭ 2013 - يىلى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ پالەچ بولۇپ قالدى، ئابدۇياسىن توختى بۇ «ئاكىسى»نى يۈدۈپ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ كۆرسەتتى، «ئاكىسى» نىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن خەۋەرئالدى، «ئاكىسى»نىڭ بالىلىرىنى ئۆز بالىلىرىدەك باقتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

  «ئاكام»نىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم

  مېھرىگۈل غوپۇر

  ئابدۇياسىن توختى بىر ئائىلە كىشىلىرى 21 - ئاپرېل يەنە «ئاكىسى» لىن سەيشېڭنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئۇلار ئېتىزلاردىكى كۆكتاتلارنىڭ قانداقراق ئۆسۈۋاتقانلىقىغا قارىغاچ لىن سەيشېڭنى ھويلىدا ئاپتاپسىنىشقا ئېلىپ چىقتى.

  بۇ يىل ئەتىياز كىرىشى بىلەنلا ئابدۇياسىن توختى خوتۇنى باھارگۈل بىلەن لىن سەيشېڭنىڭ ھويلىسىغا پەمىدۇر، مۇچ، تۇرۇپ قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىغانىدى، ئۇلار ھەر قېتىم كەلسە «ئاكىسى»نىڭ كۆكتاتلىقىنىڭ ئىشلىرىنى قىلاتتى ھەم ئۇن، ماي، تۇخۇم ئېلىپ كېلىپ «ئاكىسى»نىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېتەتتى.

  چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى توغراقئېغىل كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇياسىن توختى بىلەن تۆۋەن توغراق كەنتىدىكى دېھقان لىن سەيشېڭ ئېسىنى بىلگەندىن بۇيان بىللە مەكتەپكە بېرىپ، بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بولۇپ، خۇددى ئاكا - ئۇكىلاردەك يېقىن ئۆتىدۇ. لىن سەيشېڭ 2013 - يىلى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ پالەچ بولۇپ قالدى، ئابدۇياسىن توختى «ئاكىسى»نى يۈدۈپ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ كۆرسەتتى، «ئاكىسى»نىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن خەۋەر ئالدى، «ئاكىسى»نىڭ بالىلىرىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ ئۆز بالىلىرىدەك باقتى. ئۇ: «<ئاكام>نىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم»، دېدى.

  توغراقئېغىل كەنتى بىلەن تۆۋەن توغراق كەنتى قوشنا كەنت بولۇپ، ئابدۇياسىن بىلەن لىن سەيشېڭنىڭ ئائىلىسى ئىككى ئەۋلادتىن بۇيان مۇشۇ يەردە ياشاپ، باردى - كەلدى قىلىپ، بىر - بىرىگە ياردەملىشىپ كەلدى. لىن سەيشېڭ ھەر قېتىم ئابدۇياسىننى تىلغا ئالسىلا: «ئىككىمىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدىكى چاغلاردىن باشلاپلا تونۇشاتتۇق»، دەيدۇ.

  لىن سەيشېڭ 2013 - يىلى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ بەل ئومۇرتقىسى چىقىپ كېتىپ پالەچ بولۇپ قالدى. ھادىسە يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە لىن سەيشېڭ كارىۋاتتىلا ياتاتتى. ئابدۇياسىن بۇنداق كېتىۋەرسە ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، لىن سەيشېڭنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ قالسىكەن دېگەن ئۈمىدتە تەرەپ - تەرەپتىن دوختۇر ئىزدىدى.

  ئابدۇياسىن 2014 - يىلى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىر سۆڭەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسىنىڭ كېرىيەدە كېسەل كۆرۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، خۇشاللىقىدا بىر كېچە ئۇخلىيالمىدى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە ئۇ ناشتىمۇ قىلماي لىن سەيشېڭنى ئېلىپ كېرىيە ناھىيەسىگە باردى. ئۇ چاغدا دوختۇرلار تېخى ئىشقا چۈشمىگەنىدى. بۇ ئىككىيلەن ئۆيدىن ناشتا قىلمايلا يولغا چىققاچقا، يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىدا ناشتا قىلغاچ دوختۇرنى ساقلىدى.

  لىن سەيشېڭ ئاشۇ چاغدىكى ناشتىنى ئەسلەپ ئۆكسۈگەن ھالدا: «ئۇ ۋاقىتنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن. مەن ئۇ چاغدا ئولتۇرالمايتتىم، ئۇ مېنى بىر ياندا ياتقۇزۇپ تاماقنى بىر قوشۇق، بىر قوشۇقتىن يېگۈزۈپ قويغانىدى»، دېدى.

  مۇتەخەسسىسنىڭ كېسەل كۆرىدىغان ئىشخانىسى ئالدىدا كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئابدۇياسىن لىن سەيشېڭنى يۈدۈپ ئۆچىرەتتە تۇرغىلى كەلگەندە كىشىلەر: «قاتناش ھادىسىسىدەك قىلىدۇ، قارىغاندا بۇ خەنزۇ يۇرتداشنى بۇ ئۇيغۇر ياش سوقۇپ قويۇپتۇ - دە»، دېيىشتى.

  ئابدۇياسىن ئۇلارغا: «بۇ مېنىڭ <ئاكام>، ئۇنىڭ كېسلىنى كۆرسەتكىلى كەلدىم»، دېدى. ئەھۋالنى چۈشەنگەن كىشىلەر دەرھال ئۇنىڭغا ئورۇن بوشىتىپ بەردى، دوختۇرمۇ بۇ ئىككى قېرىنداشنىڭ ئىشلىرىدىن تەسىرلىنىپ، لىن سەيشېڭنى ھەقسىز داۋالاپ قويۇش نىيىتىگە كەلدى...

  بىر يىل داۋالىنىش ئارقىلىق لىن سەيشېڭ ئولتۇرۇپ تاماق يېيەلەيدىغان، ھەتتا بىرەرسى يۆلەپ ماڭسا ھاسىغا تايىنىپ ھويلىدا ئاپتاپسىنالايدىغان بولدى.

  ئابدۇياسىن بىلەن خوتۇنى ھەر ھەپتە «ئاكىسى»نى يوقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشاتتى. ھەر قېتىم ئوغلى ئارمانجان بىلەن لىن خۇشەننىمۇ بىللە ئېلىپ كېلەتتى.

  لىن سەيشېڭنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئايالى بىلەن چوڭ ئوغلى ئېغىر كېسەل ئىدى، ئىككىنچى ئوغلى لىن خۇشەن بۇ يىل 11 ياشقا كىرگەن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان لىن سەيشېڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغاندا ئەمدىلا 1 - يىللىقتا ئوقۇۋاتقان لىن خۇشەن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ بۇ ئىشنى ئابدۇياسىنغا ئېيتمىدى، لىن سەيشېڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىغانلىقتىن، شۇنچە يىللاردىن بېرى ئابدۇياسىن ئۇلارغا ئىزچىل ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقاچقا، لىن سەيشېڭ ئابدۇياسىننى يەنە ئاۋارە قىلىشنى خالىماي ئۇنىڭغا ئەھۋالنى ئېيتمىغانىدى.

  ئابدۇياسىن بۇ ئەھۋالدىن تېزلا خەۋەر تېپىپ، ئاچچىقىدا لىن سەيشېڭنى ئەيىبلەپ كەتتى. لىن سەيشېڭ ئوڭايسىزلانغان ھالدا: «بۇ يىللاردا سەن ئائىلىمىز ئۈچۈن كۆپ باش قاتۇردۇڭ، سېنى يەنە ئىزدەپ بېرىشقا يۈزۈم چىدىمىدى»، دېدى. ئابدۇياسىننىڭ كۆزلىرى نەملەشتى، ئۇ لىن سەيشېڭنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ: «بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇنداق دېيىشسەك بولمايدۇ، سېنىڭ ئائىلەڭنىڭ ئىشى مېنىڭ ئائىلەمنىڭ ئىشى، بالاڭمۇ مېنىڭ بالام بىلەن ئوخشاش، سېنىڭ ئورنۇڭدا مانا مەن ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن»، دېدى.

  شۇنىڭدىن باشلاپ لىن خۇشەن ئابدۇياسىننىڭ ئۆيىدە تۇردى، ئارمان بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە يېتىپ، بىللە ئوينىدى.

  ئېرىنىڭ قارارىنى خوتۇنى باھارگۈلمۇ ناھايىتى قوللىدى. ئۇ: «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، قېرىندىشىمىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ياردەملەشمەيدىغان ئىش نەدە بار؟»، دېدى.

  ئادەتتە، بالىلارنى ئابدۇياسىن مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلەتتى، بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، يۈرۈش - تۇرۇشىغا ۋە بالىلار مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە باھارگۈل مەسئۇل ئىدى. بالىلارغا كىيىم ئالسا ھەر دائىم ئوخشاش ئىككى يۈرۈش ئالاتتى.

  بۇلتۇر بىر نەچچە قېتىملىق ئىمتىھاندا لىن خۇشەننىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىدى، ئابدۇياسىن ئاچچىقىدا ئۇنىڭغا: «ياخشى ئۆگەنمىسەڭ كېيىن ئۆزۈڭ زىيان تارتىسەن، ئوينايمەن دەپ دەرسكە تەسىر يەتكۈزسەڭ بولمايدۇ. يەنە مۇشۇنداق كېتىۋەرسەڭ مېنىڭدىن تاياق يەيسەن جۇمۇ»، دەپ تەنبىھ بەردى. ئابدۇياسىن ئۇنداق دېگىنى بىلەن لىن خۇشەنگە قوپاللىق قىلىشنى خالىمايتتى. ئۇ لىن خۇشەننى دەرھال تەكرارلاش سىنىپىغا ئاپىرىپ بەردى.

  تىرىشچان ھەم قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئابدۇياسىن ئىلگىرى رېستوراندا ئون نەچچە يىل ئىشلىگەنىدى، ئاشخانىمۇ ئېچىپ باققانىدى، ھازىر ئۇ يەنە سەھرا ئارامگاھى ئاچتى. ئۇ: «ئىككى بالىنى چوقۇم ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتىمەن، ئۇ چاغدا <ئاكام> لىن سەيشېڭنىڭ سالامەتلىكىمۇ چوقۇم ھازىرقىدىن ياخشىلىنىدۇ، بىز ئىككى ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ»، دېدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر