باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

"جۇڭگوچە يۈز ياخشى كىتابخانا مىڭ كىتاب جاھازىسى قۇرۇلۇشى"نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2016.04.25 16:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23-ئاپرېل دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى جۇڭگو نەشرىياتچىلىق گۇرۇھى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسىدا ماس قەدەمدە "جۇڭگوچە يۈز ياخشى كىتابخانا مىڭ كىتاب جاھازىسى قۇرۇلۇشى"نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن " نادىر كىتابلار ئارقىلىق ئومۇمىي خەلقنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەش" يېڭى ئىستىلىنى پائال تەشەببۇس قىلىش، مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، مەدەنىيەت جەھەتتە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. جۇڭگو نەشرىياتچىلىق گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: "جۇڭگوچە يۈز ياخشى كىتابخانا مىڭ كىتاب جاھازىسى قۇرۇلۇشى" مەخسۇس رايونىدا گۇرۇھىمىز قارمىقىدىكى نۇرغۇن داڭلىق نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ كىلاسسىك، بازىرى ئىتتىك كىتابلىرى ۋە ئەڭ يېڭى بازىرى ئىتتىك كىتابلىرى قويۇلۇپ، كۆرگەزمە قىلىنىپ ۋە سېتىلىپ، ئوقۇرمەنلەر ئېسىل كىتاب ئوقۇش، كىتاب تاللاش مۇھىتى ۋە ئېتىبارلىق كىتاب سېتىۋېلىش سۇپىسى بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر