- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى خاس ئەلچىسى شيې شياۋيەن سۇرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى
2016.04.25 16:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى خاس ئەلچىسى شيې شياۋيەن 21 – ئاپرېل سۇرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە سۇرىيە زۇڭتۇڭىنىڭ سىياسىي، ئاخبارات مەسلىھەتچىسى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ ھازىرقى سۇرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شيې شيايەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق ئالدىنقى شەرتىدە سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىپ، سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداش، سۇرىيەنىڭ ئىستىقبالىنى سۇرىيە خەلقى ئۆزى بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇش، ب د ت نىڭ ياراشتۇرۇشتا ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن سىياسىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سۇرىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەر قايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر